جۇڭگو مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى بىلەن گۋىنېيە داۋالاش خادىملىرى يۇقۇملۇق كېسەللىككە قارشى تۇرۇش تەجرىبىسىنى ئالماشتۇردى

2020.09.01 17:38 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 8-ئاينىڭ 29-كۈنى گۋىنېيە پايتەختى كوناكرىدا، جۇڭگو يۇقۇملۇق كېسەللىككە قارشى داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى گۋىنېيەدىكى داۋالاش خادىملىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو يۇقۇملۇق كېسەللىككە قارشى داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى 29- ئاۋغۇست گۋىنېيە پايتەختى كوناكرىدىكى جۇڭگو-گۋىنېيە دوستلۇق دوختۇرخانىسىغا كېلىپ نەق مەيداننى تەكشۈرۈپ، دوختۇرخانىدىكى ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر بىلەن سۆھبەتلىشىپ ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، جۇڭگونىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىككە قارشى تۇرۇش تەجرىبىلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، دوختۇرخانىلاردىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىگە نەق مەيداندا يېتەكچىلىك قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ