خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاۋسترالىيە كۋېنسلاند داشۆسى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىپ، بۇ مەكتەپنىڭ «مولېكۇلا ئامبۇرى» پاتېنتىنى ئاساس قىلغان بىر خىل يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنىڭ 1-قارارلىق كىلىنىكىلىق تەجرىبە كۆلىمىنى كېڭەيتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
بۇ مەكتەپ 26-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان ئاخباراتتا مۇنداق دېيىلدى: بۇ خىل ۋاكسىنىنىڭ ھايۋانات تەجرىبىسىدىكى ئۈنۈمى ياخشى بولۇپ، بىرقەدەر يۇقىرى سەۋىيەلىك ئانتىتېلا ھاسىل قىلالايدۇ. 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى تارتىلغان بۇ سۈرەتتە كۆرسىتىلىشىچە، تەتقىقاتچىلار ئاۋسترالىيەنىڭ برىسباندىكى كۋېنسلاند داشۆسىنىڭ تەجرىبىخانىسىدا، ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ياساش خىزمىتىنى ئىشلىگەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ