ئامېرىكىدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئىكەنلىكىگە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار سانى 5 مىليون 800 مىڭدىن ئاشتى

2020.08.27 17:43 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 26-ئاۋغۇست، كىشىلەر ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك مەركىزىي باغچىسىدا ۋېلىسىپىت مىنمەكتە.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا جونس-خوپكىنس داشۆسى 26-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىدا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار سانى 5 مىليون 800 مىڭدىن ئاشقان. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا شەرقىي قىسىم ۋاقتى 26-چېسلا سائەت 14 تىن 28 مىنۇت (بېيجىڭ ۋاقتى 27-چېسلا سائەت 2 دىن 28 مىنۇت) ئۆتكەنگە قەدەر، ئامېرىكىدا جەمئىي 5 مىليون 800 مىڭ 472 كىشىگە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بولۇپ، جەمئىي 179 مىڭ 150 ئادەم قازا قىلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ