سۇرىيەدە بىر تەبىئىي گاز تۇرۇبايولى پارتلاپ، مەملىكەت بويىچە كەڭ دائىرىدە توك توختاشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى

2020.08.25 17:33 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 24-ئاۋغۇست، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش خادىملىرى سۇرىيە پايتەختى دەمەشىقنىڭ شەھەر سىرتىدىكى تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن نەق مەيداندا خىزمەت قىلماقتا.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سۇرىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 24-ئاۋغۇست سەھەردە، سۇرىيە پايتەختى دەمەشقنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى دۇمەير بازىرى بىلەن ئادېلا بازىرى ئارىسىدىكى بىر تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى پارتلاپ، ئوت ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھەمدە پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا كەڭ كۆلەمدە توك توختاشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. پارتلاش يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىزمەتچىلەر دەرھال نەق مەيدانغا بېرىپ ئوت ئۆچۈرگەن ھەمدە بۇزۇلغان تۇرۇبىنى رېمونت قىلغان. ماقالە ئېلان قىلىنغىچە، ئوت ئۆچۈرۈلگەن، دەمەشىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەملىكەتنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا توك بىلەن تەمىنلەش ئەسلىگە كەلگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ