فىرانسىيەدە خىزمەت سورۇنىدا ماسكا تاقاشنى كېڭەيتىش پىلانلاندى

2020.08.21 17:41 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 20-ئاۋغۇست، بىر ئەر ماسكا تاقاپ، پارىژدىكى رادفانس سودا رايونىدا ئارام ئالماقتا.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، فىرانسىيە ھۆكۈمىتى 18-ئاۋغۇست بەزى خىزمەت سورۇنلىرىدا ماسكا تاقاشنى كېڭەيتىشنى پىلانلىدى. يېقىندا، فىرانسىيەدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى قايتا باش كۆتۈرۈش ئالامىتى كۆرۈلدى. فىرانسىيە ئاممىۋى سەھىيە ئىدارىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، تەخمىنەن %25 توپلىشىپ خىزمەت قىلىش سورۇنلىرىدا يۇقۇملىنىش يۈز بەرگەن، ئۇنىڭ يېرىمى قۇشخانا ۋە يېزا ئىگىلىك كارخانىلىرىدا يۈز بەرگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ