جونس خوپكىنس داشۆسى ئامېرىكىدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئىكەنلىكىگە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار سانى جەمئىي 5 مىليون 500 مىڭدىن ئاشتى، دېدى

2020.08.20 17:48 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 19-ئاۋغۇست، بىر ئۇششاق تىجارەتچى ئامېرىكا «ۋاقىت گېزىتى» مەيدانىدا ماسكا ساتماقتا.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا جونس خوپكىنس داشۆسى 19-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئىكەنلىكىگە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار سانى جەمئىي 5 مىليون 500 مىڭدىن ئاشقان. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا شەرقىي قىسىم ۋاقتى 19- ئاۋغۇست سائەت 13 تىن 27 مىنۇت (بېيجىڭ ۋاقتى 20-ئاۋغۇست سائەت 1 دىن 27 مىنۇت) ئۆتكەنگە قەدەر، ئامېرىكىدا جەمئىي 5 مىليون 505 مىڭ 74 كىشىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئىكەنلىكىگە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان، جەمئىي 172 مىڭ 418 ئادەم قازا قىلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ