مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۆلەت ھالقىغان چوڭ كارخانىلارنىڭ كۆپىنچىسى 2022-يىلىدىن بۇرۇن يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى تەس، دەپ قارىدى

2020.08.19 17:27 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىسپانىيە «دۇنيا گېزىتى» تور بېكىتى يېقىندا ماقالە ئېلان قىلىپ، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دۇنيادىكى ئاساسلىق دۆلەت ھالقىغان چوڭ كارخانىلار دۇنيا ئىقتىسادى 2022-يىلىدىن بۇرۇن يۇقۇمدىن بۇرۇنقى سەۋىيەدە ئەسلىگە كەلمەيدۇ، دەپ قارىماقتا، كىرىزىسقا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان چوڭ كارخانا بولسىمۇ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تېز سۈرئەتتە «V» شەكىللىك ئەسلىگە كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرالايدىغانلىقىغا كۆزى يەتمەيدۇ.

  بۇ، ئامېرىكا ئاۋۋېي مەسلىھەت بېرىش شىركىتىنىڭ بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈش نەتىجىسى. بۇ تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا «بايلىق» ژورنىلىنىڭ دۇنيادىكى 500 كۈچلۈكلەر تىزىملىكىدىكى دۆلەت ھالقىغان كارخانىلارنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىرى ئىچىدە %75 كىشى دۇنيا ئىقتىسادى 2022-يىلىدىن بۇرۇن يۇقۇمدىن بۇرۇنقى سەۋىيەدە ئەسلىگە كەلمەيدۇ، دەپ قارىماقتا.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالدىنقى 50 ئورۇندا تۇرىدىغان دۆلەت ھالقىغان كارخانىلار ئىچىدە %90 كارخانا يۇقۇم مەزگىلىدە تەننەرخنى ئازايتىشنى پىلانلىدى. ئاۋۋېي مەسلىھەت بېرىش شىركىتى: تەننەرخنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش نۇرغۇن باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ كارخانىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتىكى مۇھىم ۋەزىپىسى بولۇپ قالدى، دەپ كۆرسەتتى.

  دۇنيا بانكىسى 6-ئايدا ئېلان قىلغان «دۇنيا ئىقتىسادىغا نەزەر» دوكلاتىدا دېيىلىشىچە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ زەربىسىدە، 2020-يىلى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ %5.2 تۆۋەنلىشى مۆلچەرلەنمەكتە، بۇ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر ئىقتىسادىي چېكىنىش بولۇپ قالىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ