مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېڭى زېللاندىيە زۇڭلىسى چوڭ سايلامنىڭ تۆت ھەپتە كېچىكتۈرۈلۈپ ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

2020.08.19 17:25 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېڭى زېللاندىيە زۇڭلىسى ئاردېن 17-ئاۋغۇست، ئەسلىدە 19-سېنتەبىر ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان چوڭ سايلامنىڭ تۆت ھەپتە كېچىكتۈرۈلۈپ، 17-ئۆكتەبىر ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. يېڭى زېللاندىيە قانۇنىغا ئاساسەن، زۇڭلى چوڭ سايلامنىڭ ۋاقتىغا قارىتا قارار قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

  ئاردېن 17-ئاۋغۇست ۋېللىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: چوڭ سايلامنى كېچىكتۈرۈش يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئوكلاند شەھىرىدە ئىككىنچى قېتىم مەركەزلىك يۈز بەرگەن ئەھۋالدا چىقارغان ئامالسىز تاللاش، لېكىن ھەر قايسى پارتىيە، گۇرۇھلارنىڭ پىكرىنى تولۇق ئويلاشتۇق.

  ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يۇقۇم دۇنيا مىقياسىدىكى يېڭى نورمال ھالەت، كىشىلەر يۇقۇم ۋەزىيىتىدىكى نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەرگە ماسلىشىشى كېرەك.

  102 كۈندىن بۇيان مەھەللىدە يۇقۇملانغانلار بايقالمىغاندىن كېيىن، يېڭى زېلاندىيەنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى ئوكلاندتا مۇشۇ ئاينىڭ 11-كۈنى يۇقۇملىنىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى بىلەن يۇقۇملانغان تۆت بىمار دوكلات قىلىندى. 12-چېسلا چۈشتىن باشلاپ، ئوكلاند يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە جىددىي تاقابىل تۇرۇش دەرىجىسى 1-دەرىجىدىن تەڭشىلىپ، «شەھەرنى قامال قىلىش» بىلەن باراۋەر دېگۈدەك 3-دەرىجىگە ئۆستۈرۈلدى. يېڭى زېلاندىيەنىڭ باشقا رايونلىرىدىمۇ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە جىددىي تاقابىل تۇرۇش دەرىجىسى 2- دەرىجىگە ئۆستۈرۈلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ