خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 11-ئاۋغۇست: رۇسىيە سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مەزكۇر دۆلەت تەتقىق قىلىپ ياسىغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى تۇنجى قېتىم دۆلەتلىك رويخەتكە ئالغانلىقىنى، قىزىغا بۇ ۋاكسىنا ئەملەنگەنلىكىنى ھەمدە قىزىنىڭ ياخشى ھېس قىلغانلىقىنى، يېقىن كەلگۈسىدە كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىشنى باشلاشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
رۇسىيە زۇڭتۇڭى تور بېكىتىنىڭ 11- چېسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، پۇتىن شۇ كۈنى موسكۋا ئىشتاتىدىكى زۇڭتۇڭ سارىيىدا رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ نۇرغۇن ئەمەلدارلىرى بىلەن سىنلىق يىغىن ئاچقاندا، بۇ خىل ۋاكسىنىنى «گامارىيە» تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ۋە مىكرو بىيولوگىيە دۆلەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ بەز ۋىرۇسىنى ۋاسىتە قىلىپ تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققانلىقىنى، «ۋاكسىنىنىڭ زۆرۈر تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەنلىكىنى، ئىقتىدارىنى تولۇق، ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇپ، مۇقىم ئانتىتېلا ھاسىل قىلالايدىغانلىقى»نى بىلدۈرگەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ