لىۋان زۇڭلىسى ھۆكۈمەتنىڭ كوللېكتىپ ئىستېپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى

2020.08.11 17:13 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: لىۋان زۇڭلىسى دىياب 10-ئاۋغۇست، ئاممىنىڭ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش ساداسىغا جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن، ھۆكۈمەتنىڭ كوللېكتىپ ئىستېپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى.

  دىياب شۇ كۈنى كەچتە تېلېۋىزىيە نۇتقى سۆزلەپ، بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان ئىزچىل ئىسلاھات ئۈستىدە ئىزدەندى، لېكىن زور توسقۇنلۇققا ئۇچرىدى، «بەزى پارتىيەلەرنىڭ ئاممىنى ھۆكۈمەتكە قارشى تۇرۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىشىنى توسۇشقا ئامالسىز قالدى»، دېدى. ئۇ ھۆكۈمەتنىڭ كوللېكتىپ ئىستېپا بەرگەنلىكىنى جاكارلاپ، «ھەقىقىي ئۆزگىرىش» ئۈستىدە ئىزدىنىشنى ئۈمىد قىلدى.

  دىياب مۇنداق دېدى: لىۋاننىڭ چىرىكلىك سىستېمىسىنى تۈپتىن يوقىتىش تەس، بېيرۇت پورت رايونىدىكى پارتلاش چىرىكلىكنىڭ بىر مىسالى. گەرچە مۇشۇنداق ئېغىر پارتلاش يۈز بەرگەن بولسىمۇ، «بەزى كىشىلەر يەنىلا كۆڭۈل بۆلمەيۋاتىدۇ». ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت ئىلگىرىكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ چىرىكلىشىش قىلمىشى ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.

  نۇتۇق سۆزلىگەندىن كېيىن، دىياب زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىگە بېرىپ، زۇڭتۇڭ ئاۋۇنغا ئىستېپانامە سۇندى. شۇ كۈنى شۇنىڭدىن سەل ئالدىدا، لىۋان ئەدلىيە مىنىستىرى ناجىم بىلەن مالىيە مىنىستىرى ۋازىنى ئىستىپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىغان ئىدى.

  دىياب 8-ئاۋغۇست مۇددەتتىن بۇرۇن پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈپ، لىۋان نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك كىرزىسنى ھەل قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى. 9-كۈنى لىۋان ئاخبارات مىنىستىرى ئابدۇل سەماد ۋە مۇھىت مىنىستىرى قاتار ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىستېپا بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ