مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كولومبىيە ئالىي سوت مەھكىمىسى سابىق زۇڭتۇڭ ئۇرىبې ۋېلېزنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىدى

2020.08.07 17:27 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كولومبىيە ئالىي سوت مەھكىمىسى 4- ئاۋغۇست پارا ئېلىش، گۇۋاھچىنى سېتىۋېلىش، تەرتىپ ئالدامچىلىقىغا چېتىشلىق سابىق زۇڭتۇڭ ئالۋارو ئۇرىبې ۋېلېزنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلاش ھەمدە نەزەربەند قىلىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى.

  بۇ، كولومبىيە ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ تۇنجى قېتىم دۆلەتنىڭ سابىق رەھبىرىنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلاش بۇيرۇقى چىقىرىشى بولۇپ قالدى.

  ئۇرىبې ۋېلېز شۇ كۈنى ئىجتىمائىي ئالاقە ئاخبارات ۋاسىتىسى تىۋىتتېر ھېسابات نومۇرىدا يازما يوللاپ: «ئەركىنلىكىمدىن مەھرۇم قىلىندىم، ئايالىم، ئائىلەم ۋە ۋەتىنىم ئۈچۈن پايدا ئېلىپ كەلگەنلىكىمگە ئىشىنىدىغان كولۇمبىيەلىك قېرىنداشلىرىم ئۈچۈن ئازابلىنىۋاتىمەن»، دېدى.

  كولۇمبىيە سول قانات كېڭەش پالاتا ئەزاسى ئىۋان سېپېدا 2012-يىلى ئۇرىبې ۋېلېزنى كولۇمبىيەنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىدىكى ئانتىئوكىيە ئۆلكىسىدىكى غەيرىي رەسمىي ھەربىي تەشكىلات ۋە چېگرا ئىچىدىكى بىر قىسىم زەھەر ئەتكەسچىلىرى گۇرۇھى بىلەن مۇناسىۋىتى بار، دەپ ئەيىبلىگەن. ئۇرىبې ۋېلېز يۇقىرىقى ئەيىبلەشنى ئىنكار قىلغان ھەمدە سېپېدانى تۈرمىگە بېرىپ، سابىق قوراللىق خادىملارنى يوقلىغاندا بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇ سابىق قوراللىق خادىملارنى يالغان ئەيىبلەشكە مەجبۇرلىدى، دەپ كۆرسەتكەن.

  نەچچە يىللىق تەكشۈرۈش ئارقىلىق كولومبىيە ئالىي سوت مەھكىمىسى 2018- يىلى سىپېدانىڭ دەلىل-ئىسپات توپلاش جەريانىدا پارا بېرىش ياكى بېسىم ئىشلىتىش قاتارلىق قىلمىشلىرى يوقلۇقىنى كېسىم قىلدى. بۇلتۇر 10-ئايدا، ئۇرىبې ۋېلېز كولۇمبىيە ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ يەتتە سائەتلىك سورىقىنى قوبۇل قىلدى، ئارقىدىن كولۇمبىيە ئالىي سوت مەھكىمىسى قايتىدىن ئىسپات ئېلىپ، ئۇرىبې ۋېلېزنى داۋاملىق تەكشۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  ئۇرىبې ۋېلېز 2002-يىلىدىن 2010- يىلىغىچە كولومبىيە زۇڭتۇڭى بولغان. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئۇ 1995-يىلىدىن 1998-يىلىغىچە ئانتىئوكىيە ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى بولغان. كولۇمبىيەنىڭ ھازىرقى زۇڭتۇڭى ئىۋان دۇك قاراشلىق ئوڭ قانات پارتىيە «دېموكىراتىيە مەركىزى پارتىيەسى»نى ئۇرىبې ۋېلېز قۇرغان، بۇ پارتىيە ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچكە تاقابىل تۇرۇش مەسىلىسىدە قاتتىق سىياسەت قوللانغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ