خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 3- ئاۋغۇست ئوبزور ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئوتتۇرا مۇساپىلىك ۋە ئوتتۇرا، قىسقا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇپ، رايون ۋە يەر شارى بىخەتەرلىكىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، خەتەرلىك يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزدى، رۇسىيە بۇنىڭغا دەرھال ئىنكاس قايتۇرىدۇ.
رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى مۇنداق دېدى: ئامېرىكا تەرەپ ئاشكارا بايانات ئېلان قىلىپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى تېزدىن ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياۋروپادىكى ئورۇنلاشتۇرۇشنىمۇ چەتكە قاقمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. رۇسىيە تەرەپنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكىنىڭ بىر يىل بۇرۇن ئۆز ئالدىغا «ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا شەرتنامىسى»دىن چېكىنىپ چىقىشى بىر ئېغىر خاتالىق. بۇ شەرتنامە يادرو باشقۇرۇلىدىغان بومبا ساھەسىدىكى ئالدىن مۆلچەرلەش ۋە چەكلەشكە پايدىلىق. ھازىر ئوتتۇرا مۇساپىلىك ۋە ئوتتۇرا، قىسقا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا ھېچقانداق چەكلىمە مەۋجۇت ئەمەس، بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىققا بولغان تەھدىت ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتىدۇ.
رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى يەنە مۇنداق دېدى: رۇسىيەنىڭ قارىشىچە، سىياسىي دىپلوماتىيە ۋاسىتىسى ئارقىلىق ھەل قىلىش لايىھەسى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىش بىردىنبىر مۇۋاپىق ئۇسۇل، رۇسىيە ئىشەنچنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، خەلقئارا بىخەتەرلىك ۋە ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىقنى كۈچەيتىش جەھەتتە باراۋەر، ئىجابىي خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا قارىتا ئېچىۋېتىش پوزىتسىيەسىدە بولىدۇ، ئامېرىكىنىڭ ئوخشاشلا كۆڭۈل بۆلىدىغان، مەسئۇلىيەتچان پوزىتسىيەسىنى ئىپادىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا 1987-يىلى ئىمزالىغان «ئوتتۇرا مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا شەرتنامىسى»دە، ئىككى دۆلەت ئېتىش مۇساپىسى 500 كىلومېتىردىن 5500 كىلومېتىرغىچە بولغان قۇرۇقلۇقتىكى چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا، باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇنىڭ قويۇپ بېرىش قۇرۇلمىسىنى ساقلاپ قالالمايدۇ، ئىشلەپ چىقارمايدۇ ياكى سىناق قىلمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. 2019- يىلى 2-ئايدا، ئامېرىكا «ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا شەرتنامىسى»دىن چېكىنىپ چىقىش تەرتىپىنى ئۆز ئالدىغا يولغا قويدى. شۇ يىلى 8-ئايدا ئامېرىكا بۇ شەرتنامىدىن رەسمىي چېكىنىپ چىقتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ