خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي پارتىيەلىرى، سىياسىي ئەربابلىرى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تاشقى ئالاقە بۆلۈمىگە تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئامېرىكىدىكى بەزى سىياسەتۋازلارنىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەش سۇيىقەستى بىلەن جۇڭگوغا قارا سۈركىگەن سۆزلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، جۇڭگوغا ئىغۋاگەرچىلىك قىلىش ھەرىكىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرگەنلىكىگە قارشى تۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنىڭ كاپالىتى، شۇنداقلا دۇنيانىڭ تىنچ تەرەققىياتىنىڭ كاپالىتى، دەپ قارىدى.
بۇركىنا فاسو تەرەققىيپەرۋەر خەلق ھەرىكىتىنىڭ رەئىسى كۇڭ بولېي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو تېز تەرەققىي قىلدى، خەلقئارا تەسىر كۈچى ئۈزلۈكسىز ئاشتى ھەمدە دۇنياۋى ھەمكارلىققا كۈچ چىقىرىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىلگىرى سۈردى. بەزى دۆلەتلەر سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەپەككۇرىنى چىڭ ساقلاپ، چەكلەش سىياسىتىنى قايتا يولغا قويۇشقا ئۇرۇندى. بىز پۈتۈن دۇنيانى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەپەككۇرى ۋە ئىدېئولوگىيەلىك ئاداۋەتتىن ۋاز كېچىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق مەسىلىلەرگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، دۇنيا تىنچلىقىنى ئورتاق قوغداپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇراجىئەت قىلىمىز.
مىسىر كومپارتىيەسى سىياسىي بىيۇرۇسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكىدىكى جۇڭگوغا قارشى بەزى سىياسەتۋازلار جۇڭگونىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىگە توسقۇنلۇق قىلىشقا ئۇرۇنۇپ، دۇنيادا جىددىي كەيپىيات پەيدا قىلىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر، بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش تىرىشچانلىقىغا زىيان يەتكۈزدى. مىسىر كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قوغداش ھوقۇقىنى قوللايدۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭگو خەلقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە بۆلگۈنچىلىك سېلىش سۇيىقەستىنىڭ چوقۇم مەغلۇپ بولىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدۇ.
تۈركىيە ۋەتەنپەرۋەرلەر پارتىيەسىنىڭ رەئىسى پېلىنچېك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بەزى دۆلەتلەر جۇڭگوغا ھەدەپ ئىقتىسادىي، ھەربىي ۋە سىياسىي جەھەتلەردە بېسىم ئىشلىتىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويدى، بىز بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا يېتەكلەش ۋە «جۇڭگوچە تەرەققىيات مۆجىزىسى»نى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ئىجادچىسى، شۇنداقلا دۇنيا تىنچلىقى ۋە كەلگۈسى ئۈمىدنىڭ كاپالىتىدۇر.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ