مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاۋسترالىيە ۋىكتورىيە ئىشتاتىدا قۇش زۇكىمى كۆرۈلدى

2020.08.05 16:13 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاۋىستىرالىيە ۋىكتورىيە ئىشتاتىدىكى بىر دېھقانچىلىق مەيدانىدا يېقىندا H7N7 قۇش زۇكىمى كۆرۈلدى. ھازىر بۇ دېھقانچىلىق مەيدانى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بەش كىلومېتىرلىق رايون ئايرىۋېتىلدى، بۇ دېھقانچىلىق مەيدانىدا بېقىلىۋاتقان قۇشلار ئۆلتۈرۈلدى.

  ۋىكتورىيە ئىشتاتلىق سەھىيە بۆلۈمى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ دېھقانچىلىق مەيدانى مۇشۇ ئىشتاتنىڭ ئالتۇن رەڭ تۈزلەڭلىك ۋىلايىتىگە جايلاشقان ئىكەن. ھازىرغىچە كىشىلەرنىڭ H7N7 قۇش زۇكىمى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى مەلۇم قىلىنمىغان. سەھىيە تارماقلىرى بۇ دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ خىزمەتچىلىرى ۋە كېسەل بولغان ئۆي قۇشلىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئېھتىمالى بولغان خادىملارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى كۆزىتىۋېتىپتۇ.

  ۋىكتورىيە ئىشتاتى ئاۋىستىرالىيەدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئەڭ ئېغىر ئىشتات بولۇپ، 2-چېسلا كەچتە ئاپەت ھالىتىگە كىرگەنلىكىنى جاكارلاپ، ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئۆستۈرۈپ، بۇ ئىشتاتنىڭ مەركىزى مېلبۇرندا كېچىدە يۈرۈش مەنئى قىلىنىپتۇ.

  H7N7 قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى قۇشلاردا ئاسان تارقىلىدۇ. 2003-يىلى 2- ئايدىن 5-ئايغىچە گوللاندىيەدىكى ئۆي قۇشلىرى ئارىسىدا كەڭ كۆلەمدە H7N7 قۇش زۇكىمى پەيدا بولۇپ، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ 89 ئادەم يۇقۇملانغان، بۇنىڭ ئىچىدە بىر مال دوختۇرى ئۆلۈپ كەتكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ