سۈرەتتە: 7-ئاينىڭ 28-كۈنى، جۇڭگونىڭ 18-تۈركۈمدە لىۋانغا بارغان تېنچلىق ساقلاش قىسىمىنىڭ 1- ئەترىتىدىكى ئوفېتسىر-ئەسكەرلەر لىۋان بېيرۇت لافىك خەلىل خەلقئارا ئايرودرومىدا سەپداشلىرى بىلەن قول پۇلاڭلىتىپ خوشلىشىپ ۋەتەنگە قايتتى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ 18-تۈركۈمدە لىۋانغا بارغان تىنچلىق ساقلاش قىسىمىنىڭ 1- ئەترىتىدىكى 205 نەپەر ئوفىتسېر-ئەسكەر تېنچلىق ساقلاش ۋەزىپىسىنى غەلىبىلىك تاماملاپ، 28-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن بېيرۇت ئايرودرومىدىن ۋەتەنگە قايتىپ كەلدى. جۇڭگونىڭ 18-تۈركۈمدە لىۋانغا بارغان تىنچلىق ساقلاش قىسىمىنىڭ ئەسلىدە بەلگىلەنگەن ۋەزىپە مۇددىتى بىر يىل بولسىمۇ، لېكىن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىدە ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت كېچىكتۈرۈلدى.
ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگونىڭ 18-تۈركۈمدە لىۋانغا بارغان تىنچلىق ساقلاش قىسىمىنىڭ 2-ئەترىتىدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر 8-ئاينىڭ 18-كۈنى ۋەتەنگە قايتىپ كېلىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ