ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارغا خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ جازالاش تەدبىرى ئۇزارتىلماقچى

2020.07.30 17:21 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ 28- ئىيۇل نيۇيوركتىكى ب د ت باش ئىشتابىدا تارتىلغان خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنى نەق مەيدانى. ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى 28- چېسلا 2536- نومۇرلۇق قارارنى بىردەك ماقۇللىدى. قاراردا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ تىنچلىق ۋە مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارغا قارىتىلغان ئىلگىرىكى بۇيرۇق ۋە قوللىنىلغان تەدبىر، يەنى ئۇلارنىڭ قورال-ياراغلارنى توشۇشىنى ۋە ساياھەت قىلىشىنى چەكلەش بۇيرۇقى ۋە ئۇلارنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى توڭلىتىش قاتارلىق جازالاش تەدبىرلىرىنىڭ 2021- يىلى 7- ئاينىڭ 31- كۈنىگە قەدەر يەنە بىر يىل ئۇزارتىلىدىغانلىقى، ھەمدە جازالاش خزمىتىگە مەسئۇل مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنىڭ 2021- يىلى 8- ئاينىڭ 31- كۈنىگە قەدەر ئۇزارتىلىدىغانلىقى جاكارلاندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ