مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

رۇسىيە-گېرمانىيە رەھبەرلىرى تېلېفون ئارقىلىق ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى

2020.07.17 16:42 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 15- چېسلا تەكلىپكە بىنائەن گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل بىلەن تېلېفونلاشتى، ئۇكرائىنا ۋە ئىران ۋەزىيىتى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە كېڭەشتى.

  كرېمىل سارىيى تور بېكىتىنىڭ شۇ كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا، پۇتىن تېلېفوندا ئۇكرائىنانىڭ مىنىسكى كېلىشىمىنىڭ مەزمۇنىنى بۇرمىلاشقا ئۇرۇنغان قىلمىشىنىڭ نەتىجىسىنىڭ دەل ئەكسىچە بولىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ كېلىشىمدە بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتنى تاللاپ ئۈستىگە ئېلىشى پەقەت سۆھبەتنى قاتمال ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئۇكرائىنا ئەمەلدارلىرىنىڭ يېقىندا مىنىسكى كېلىشىمىگە ئىپادە بىلدۈرۈشىگە سەلبىي باھا بەردى، مىنىسكى كېلىشىمى ئۇكرائىنا مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى بىردىنبىر ئاساسلىق ھۆججەت ھېسابلىنىدۇ.

  پۇتىن ئىران ۋەزىيىتى ئۈستىدە توختالغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىراننى جازالاش بىھۇدە ئىش، نۆۋەتتە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2231- نومۇرلۇق قارارىدا تەكشۈرۈلگەن ئىران يادرو مەسىلىسىدىكى ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمنى تىرىشىپ قوغداش كېرەك.

  لىۋىيە ۋەزىيىتى ئۈستىدە توختالغاندا، ئىككى تەرەپ بىردەك ھالدا، لىۋىيە مەسىلىسى بېرلىن باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئالاقىدار قارارى ۋە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2510- نومۇرلۇق قارارى ئاساسىدا ھەل قىلىنىشى كېرەكلىكىنى، ھەمدە سىياسىي دىپلوماتىيە ۋاستىسى ئارقىلىق، لىۋىيە كىرزىسىنى پەسەيتىپ، لىۋىيەنىڭ ئىچكى سۆھبىتىنى قانات يايدۇرۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئىككى تەرەپ يەنە نۆۋەتتىكى يۇقۇملۇق كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.



  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ