جونس خوپكىنس داشۆسى ئامېرىكىدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئىكەنلىكىگە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمارلار سانى جەمئىي 3 مىليون 500 مىڭدىن ئاشتى، دېدى

2020.07.17 16:19 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا جونس خوپكىنس داشۆسى 16-ئىيۇل ئېلان قىلغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئىكەنلىكىگە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار سانى جەمئىي 3 مىليون 500 مىڭدىن ئاشقان.

  سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا شەرقىي قىسىم ۋاقتى 16-ئىيۇل سائەت 13 تىن 51 مىنۇت (بېيجىڭ ۋاقتى 17- ئىيۇل سائەت 1 دىن 51 مىنۇت) ئۆتكىچە، ئامېرىكىدا جەمئىي 3 مىليون 533 مىڭ مىڭ 317 كىشىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئىكەنلىكىگە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان، ئۆلۈپ كەتكەن بىمار سانى جەمئىي 137 مىڭ 846 گە يەتكەن.

  سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىدا يۇقۇم ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر بولغان نيۇيورك ئىشتاتىدا جەمئىي 404 مىڭ 775 بىمارغا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان، جەمئىي 32 مىڭ 445 ئادەم ئۆلگەن. كالېفورنىيە ئىشتاتى ۋە فىلورىدا ئىشتاتىدا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانلار سانى 300 مىڭدىن ئاشقان. ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانلار سانى 100 مىڭدىن ئاشقان ئىشتاتلاردىن يەنە تېكساس ئىشتاتى، يېڭى جېرسىي ئىشتاتى، ئىللىنوي ئىشتاتى، ئارىزونا ئىشتاتى، جورگىيە ئىشتاتى، ماسساچۇسېتس ئىشتاتى ۋە پېنسىلۋانىيە ئىشتاتى بار ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ