شىمالىي ماكېدونىيەدە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى

2020.07.16 16:50 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7- ئاينىڭ 15- كۈنى ماكېدونىيە ئىچكى ئىنقىلابىي تەشكىلاتى مىللىي بىرلىك دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى مىتسكوسكى (ئوڭدا) ۋە ئۇنىڭ ئايالى مىتسكوۋسكا شىمالىي ماكېدونىيە سىكوپرىدىكى بىر بىلەت تاشلاش پونكىتىدە بېلەت تاشلىدى. شۇ كۈنى شىمالىي ماكېدونىيەدە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى. شىمالىي ماكېدونىيە پارلامېنت سايلىمى ئەسلىدە 4- ئاينىڭ 12- كۈنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان، لېكىن يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ تەسىرىدە كېچىكتۈرۈلگەن ئىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ