مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئامېرىكا ئەمەلدارى ياز پەسلىنىڭ ئاخىرىدا ۋاكسىنا ياساپ چىقىشتا ئۈمىد بارلىقىنى بىلدۈردى

2020.07.15 16:26 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى 13- چېسلا مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلاشقان دورا كارخانىلىرى ۋاكسىنا تەتقىقاتىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە، بۇ يىل يازنىڭ ئاخىرىدا ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىشقا پائال ئاتلىنىشتا ئۈمىد بار.

  رېيتېر ئاگېنتلىقى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: كىلىنىكىلىق سىناقتا نەچچە ھەپتە ئىچىدە نەتىجىنى كۆرگىلى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن كۈز پەسلىدىن بۇرۇن ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىش ئىمكانىيىتى بولىدۇ.

  ئۇنىڭ دېگىنى بويىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دورا كارخانىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ۋاكسىنا ياساش ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرگەن ھەمدە خام ماتېرىيالغا ئېرىشكەن.

  ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورا باشقۇرۇش ئىدارىسى 6- ئاينىڭ ئاخىرىدا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ تۆت خىل ۋاكسىنىسىنى كلىنىكىلىق سىناق قىلىشنى تەستىقلىدى.

  ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 5- ئايدا «تېز سۈرئەتلىك ھەرىكەت»نى باشلىدى، سەھىيە ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت بۆلۈمى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى قاتارلىق نۇرغۇن تارماقلارنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ ۋاكسىنىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 2021- يىلى 1- ئايدىن بۇرۇن يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ 300 مىليون تال ۋاكسىنىسى ئىشلەپچىقىرىشنى نىشانلىغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ