مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۇنيا مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

كىلىماتنىڭ ئىللىپ كېتىشىگە تاقابىل تۇرۇشتا تېخىمۇ زور خىرىسقا دۇچ كېلىشىمىز مۇمكىن

2020.07.14 17:07 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۇنيا مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى يېقىندا ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى كىلىمات مۆلچەرى دوكلاتىدا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 2019- يىلى پۈتۈن يەر شارىدا تېمپېراتۇرا ئۆگىرىشى خاتىرىلەنگەندىن بۇيانقى ئىككىنچى قېتىم ئىسسىق مەزگىلگە كىرىشى بولۇپ، بۇ 2016- يىلىدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. پارنىك ھاۋاسى كەبى ھاۋا رايىنىڭ سەۋىيەسى داۋاملىق ئۆرلىگەچكە، «تارىختىكى ئەڭ ئىسسىق يىل»نىڭ يېڭىسى ئالدىمىزدىكى بەش يىل ئىچىدە پەيدا بولۇشى مۇمكىن. دۇنيا مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشتا، بىز «پارىژ كېلىشىمى»دە بېكىتىلگەن تېمپېراتۇرىنى كونترول قىلىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى غايەت زور خىرىسقا دۇچ كېلىشىمىز مۇمكىن.

  دۇنيا مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئىشتابى شۋېتسارىيەنىڭ جەنۋەدە تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئۇ ب د ت نىڭ ھاۋارايى، كىلىمات ۋە سۇ رايىنى تەتقىق قىلىدىغان نوپۇزلۇق ئاپپاراتىدۇر. «2019- يىللىق يەر شارى كىلىمات ئەھۋالى باياناتى» ناملىق بۇ دوكلاتنىڭ مەقسىتى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىنىڭ مېتېئورولوگىيە تەتقىقاتىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئۇنى يۇقىرى سۈپەتلىك مۆلچەر ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەپ، تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەرنى پايدىلانما ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەشتىن ئىبارەت.

  دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، يەر شارى كىلىماتىدىكى ھاۋا ئىللىپ كېتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش بارغانسېرى قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارىلىقىدا قالغان بىر ئىش بولۇپ قالدى. 2019- يىلى يەر شارىنىڭ ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 2016- يىلىدىن كېيىنكى يۇقىرى تېمپېراتۇرا رېكورتىنى ياراتتى. نۆۋەتتە، يەر شارىنىڭ ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى سانائەتلىشىش ئالدىدىكىدىن بىر سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى بولدى، 2015- يىلىدىن 2019- يىلىغىچە خاتىرىلەنگەندىن بۇيانقى ئەڭ ئىسسىق بەش يىل، 2010- يىلىدىن 2019- يىلىغىچە خاتىرىلەنگەندىن بۇيانقى ئەڭ ئىسسىق ئون يىل بولدى. كەلگۈسى بەش يىلدا، بىر ياكى بىر نەچچە ئاينىڭ ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى سانائەتلىشىشتىن ئىلگىرىكىگە قارىغاندا، ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ، ئۇنىڭ 1.5 سېلسىيە گىرادۇسچە يۇقىرى بولۇش ئېھتىماللىقى تەخمىنەن %70 بولىدۇ؛ يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى سانائەتلىشىشتىن ئىلگىرىكىگە قارىغاندا، ئەڭ ئاز بولغاندا، ئۇنىڭ 1.5 سېلسىيە گىرادۇسچە يۇقىرى بولۇش ئېھتىماللىقى تەخمىنەن %20 بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل ئېھتىماللىق ئۈزلۈكسىز كۆپىيىدۇ.

  كەلگۈسى بەش يىلدا، يەر شارى تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، يۇقىرى كەڭلىككە جايلاشقان رايونلار ۋە ئافرىقىدىكى ساخېل رايونلىرى تېخىمۇ نەم بولۇشى مۇمكىن، جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ شىمالىي قىسمى ۋە شەرقىي قىسمى تېخىمۇ قۇرغاق بولۇشى مۇمكىن. ئاتلانتىك ئوكياننىڭ شىمالىي قىسمىدا تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان غەرب شامىلى پەيدا بولۇشى مۇمكىن، بۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ كۆپ بوران چىقىپ، يەر شارىدا ناچار ھاۋا رايى كۆپىيىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ