مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ترامپ يۇقۇم مەزگىلىدە تۇنجى قېتىم ئاشكارا ماسكا تاقىدى

2020.07.13 17:52 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ 7-ئاينىڭ 11-كۈنى مارىلاند ئىشتاتىدىكى ۋالتېررېد دۆلەتلىك ھەربىي داۋالاش مەركىزىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا، تۇنجى قېتىم يۇقۇم مەزگىلىدە ئاشكارا ماسكا تاقىدى.

  ترامپ شۇ كۈنى بۇ ھەربىي داۋالاش مەركىزىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا، زۇڭتۇڭ ئىزنىكى بېسىلغان قارا كۆك رەڭلىك ماسكا تاقىدى. يولغا چىقىشتىن بۇرۇن، ترامپ ئاق سارايدا تاراتقۇلارغا مۇنداق دېدى: مەن ئەزەلدىن ماسكا تاقاشقا قارشى تۇرۇپ باقمىدىم، لېكىن ئىشىنىمەنكى ماسكا تاقاشتا ۋاقىت ۋە ئورۇنغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

  بۇ يىل 3-ئايدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئامېرىكىدا ئومۇميۈزلۈك پارتلىغاندىن بۇيان، ترامپ ئاشكارا سورۇنلاردا ماسكا تاقاشنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلدى. ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ترامپ 5-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا مىچگان ئىشتاتىدىكى فورت ئاپتوموبىل ياساش زاۋۇتىنى تەكشۈرگەندە، شىركەت ئاق ساراينى زاۋۇتتا ماسكا تاقايدىغان بەلگىلىمىنىڭ بارلىقىنى ئىشتىن بۇرۇن ئەسكەرتكەن بولسىمۇ، لېكىن ترامپ تەكشۈرۈش باشلىنىشتىن ئىلگىرىكى پائالىيەتتىلا ماسكا تاقىغان، شۇنداقلا مۇخبىرلارنى سۈرەتكە تارتقۇزمىغان. ئۇ: «تاراتقۇلارنىڭ كۆرۈپ قېلىشىنى خالىمايمەن»، دېگەن.

  6-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇيان، ئامېرىكىدا يۇقۇمنىڭ يەنىمۇ ئېغىرلىشىشىغا ئەگىشىپ دېموكراتلار، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىكى نۇرغۇن سىياسىي ئەربابلار ترامپنى ئۈلگە بولۇپ، ئامېرىكا ئاممىسىغا ماسكا تاقاشنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىدىن مۇداپىئەلىنىشتىكى مۇھىملىقىنى تونۇتۇشقا دەۋەت قىلدى. ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن ئاممىۋى سەھىيە مۇتەخەسسىسلىرىمۇ ماسكا تاقاشنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىدىن مۇداپىئەلىنىشتىكى ئاچقۇچ ئىكەنلىكىنى قايتا-قايتا بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ