مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئامېرىكىدىكى ئىككى داشۆ چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋىزا يېڭى بەلگىلىمىسى توغرىسىدا فېدېراتسىيە دەۋاسى سۇندى

2020.07.10 18:00 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا خارۋارد داشۆسى ۋە ماسساچۇسېتس تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى شۆيۈەنى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى بوستون يەرلىك سوت مەھكىمىسىگە ئامېرىكا دۆلەت زېمىن بىخەتەرلىكى مىنىستىرلىقى بىلەن ئامېرىكا چېگرادىن كىرىش ۋە تاموژنا قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ، سوت مەھكىمىسىدىن چەكلەش بۇيرۇقى ۋە مەنئى قىلىش بۇيرۇقى چىقىرىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋىزىسىگە قارىتا چىقارغان چەكلەش تەدبىرىنى يولغا قويۇشنى توسۇشنى ئىلتىماس قىلدى.

  خارۋارد داشۆسى ۋە ماسساچۇسېتس تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى شۆيۈەنى مۇنداق قارىدى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى بەلگىلىمىسى «مەمۇرىي تەرتىپ قانۇنى»غا خىلاپ بولۇپ، ئېلان قىلىشتىن ئىلگىرى «مەسىلىنىڭ مۇھىم تەرىپى»نى ئويلاشمىغان، سىياسەتنى مۇۋاپىق ئاساس بىلەن تەمىنلىمىگەن، شۇنداقلا ئاممىنى تولۇق خەۋەرلەندۈرمىگەن. خارۋارد داشۆسىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى لاۋرېنسې باكوۋ مۇنداق دېدى: چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان ۋىزا يېڭى بەلگىلىمىسى ئالدىن ئۇقتۇرۇش قىلىنمىغان ئەھۋالدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، «ھەم رەھىمسىزلىك، ھەم قاراملىق» بىلەن چىقىرىلغان. بۇ تەدبىر بېسىم ئىشلىتىپ داشۆلەرنى قايتا ئوقۇش باشلاشقا قىستاشنى مەقسەت قىلغان، لېكىن ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇتقۇچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ساغلاملىقى، بىخەتەرلىكىنى نەزەرگە ئالمىغان.

  ئامېرىكا دۆلەت زېمىن بىخەتەرلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ قارىمىقىدىكى چېگرادىن كىرىش ۋە تاموژنا قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ مۇنداق دېدى: 2020- يىلى كۈز پەسىللىك ئوقۇش مەۋسۇمىدە خەلقئارادىكى چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار پەقەت تورغا چىقىپ دەرس ئوقۇسا، ئامېرىكىغا بارىدىغان ۋىزىگە ئېرىشەلمەيدۇ شۇنداقلا قولىدىكى ۋىزىسىنىمۇ ساقلىيالمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ