خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقى 10- چېسلا سەھەردە كورىيە ساقچىلىرىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: ساقچى تەرەپ سىئولدىكى بېييۆشەن تېغى ئەتراپىدا 9- چېسلا سىئولنىڭ يوقاپ كەتكەن شەھەر باشلىقىنى بايقىدى.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، 9- چېسلا كېچىدىن 10- چېسلا سەھەرگىچە بېييۆشەن ئەتراپىدا ئىزدىگەن ساقچىلار بېييۆشەن تېغىدىكى سۇجىڭمېن ئەتراپىدا پارك ۋون سوننى بايقىغان. ئۆلۈش سەۋەبى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈپ بېكىتىلمەكتە ئىكەن.
كورىيە ساقچىلىرى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرى 9- چېسلا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن پارك ۋون سوننىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى توغرىسىدا مەلۇماتنى قوبۇل قىلىپ ئېلىپ، ئارقىدىنلا پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىزدەش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ