ۋىيېتنامنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا بوغما كېسىلى پەيدا بولۇپ، ئاز دېگەندە ئۈچ ئادەم قازا قىلدى

2020.07.09 15:53 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاينىڭ 8-كۈنى تېببىي خادىملار ۋىيېتنامنىڭ شىيۈەن رايونىدىكى دونوڭ ئۆلكىسىدىكى بىر كەنتتە بالىلارغا بوغما ۋاكسىنىسى ئۇردى.

  ۋىيېتنام سەھىيە مىنىستىرلىقى ۋە شۇ جايدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىلنىڭ بېشىدىن ھازىرغىچە، ۋىيېتنامدا بوغما كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 60 تىن ئارتۇق بىمار بايقالغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز دېگەندە ئۈچى قازا قىلغان. بوغما كېسىلى بولسا بوغما تاياقچە باكتېرىيەسى كەلتۈرۈپ چىقارغان بىر خىل جىددىي خاراكتېرلىك نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكى، ئاساسلىقى چاچراندىلار ئارقىلىق تارقىلىدۇ، بوغما تاياقچە باكتېرىيەسى بار بۇيۇملار بىلەن ئۇچرىشىش ئارقىلىق ۋاسىتىلىك تارقىلىشمۇ كۆرۈلىدۇ. كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىر بولغانلاردا پۈتۈن بەدەندە زەھەرلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، يۈرەك مۇسكۇلى ياللۇغى ۋە ئەتراپ نېرۋا ياللۇغى قوشۇلۇپ كېلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ