گېرمانىيە فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى «ماسكا تاقاشقا مەجبۇرلاش بۇيرۇقى»نى داۋاملاشتۇرۇشنى قوللايدۇ

2020.07.08 17:24 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:7- ئىيۇل، يولۇچىلار گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندىكى بىر ئاپتوبۇس بېكىتىدە ئاپتوبۇس كۈتۈۋاتاتتى. يەرلىك ئەمەلدارلار ئاممىنى ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرغاندا ۋە سودا سارايلىرىدا مال سېتىۋالغاندا ماسكا تاقاشقا مۇراجىئەت قىلىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىنى بىكار قىلىشنى مۇراجىئەت قىلىشقا قارىتا، گېرمانىيە فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى 6- چېسلا «ماسكا تاقاشقا مەجبۇرلاش بۇيرۇقى»نى داۋاملاشتۇرۇشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 4- ئاينىڭ ئاخىرى، گېرمانىيەدىكى 16 فېدېراتسىيە ئىشتاتى ئارقا-ئارقىدىن «ماسكا تاقاشقا مەجبۇرلاش بۇيرۇقى» چىقاردى، يەنى ئاھالىلەر ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرغاندا ۋە مال سېتىۋالغاندا چوقۇم ماسكا تاقىشى كېرەك ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ