مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

گېرمانىيە ھەربىي ئاپشاركىلارنى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنى پۇراپ تەكشۈرۈش بويىچە مەشىقلەندۈرۈشنى سىناق قىلدى

2020.07.08 17:02 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گېرمانىيە «جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى» تور پونكىتى 7-ئاينىڭ 6- كۈنى، گېرمانىيە فېدېراتسىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى بىلەن ھاننوۋېر مال دوختۇرلۇق مەكتىپىنىڭ بىرلىشىپ ھەربىي ئاپشاركا ئارقىلىق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغۇچىنى پۇراپ تەكشۈرۈشنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى تەتقىق قىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

  ئايرىم-ئايرىم ھالدا گېرمانىيە پادىچى ئىتى، ئىسپانىيە ئوۋ ئىتى ۋە قايتۇرۇپ كېلىش ئىتىگە تەۋە ئۈچ خىل ئىت تۈرىدىكى ئون ھەربىي ئاپشاركا بۇ قېتىملىق تەتقىقات تۈرىگە قاتناشتى. تەتقىقاتچى خادىملار يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىنىڭ شۆلگەي ئەۋرىشكىسى ئارقىلىق ھەربىي ئاپشاركىنىڭ پۇراقنى پەرقلەندۈرۈشىنى مەشىقلەندۈردى. بۇ شۆلگەي ئەۋرىشكىلىرىدىكى ۋىرۇسلار خىمىيەلىك بىر تەرەپ قىلىنغان بولۇپ، يۇقۇشچانلىقى يوق.

  ھەربىي ئاپشاركا بىلەن تەمىنلىگەن گېرمانىيە فېدېراتسىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى مۇلازىمەت ئىتى مەكتىپىنىڭ دېيىشىچە، بۇ تۈرلۈك تەتقىقاتتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش مۇمكىنكەن، ھەربىي ئاپشاركىنىڭ نۆۋەتتىكى سىناق باسقۇچىدىكى پەرقلەندۈرۈشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى %80 بولۇپ، مۇمكىنچىلىك تەتقىقات نەتىجىسى بىرقانچە ھەپتىدىن كېيىن ئېلان قىلىنىدىكەن.

  خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ھەربىي ئاپشاركىنىڭ پۇراش سېزىمى ئۆتكۈر بولۇپ، پارتلىغۇچى ماددا ياكى زەھەرنىڭ پۇرىقىنى پۇراپلا قالماي، يەنە ئادەم بەدىنىدىكى كۆپ خىل راك ۋە دىيابېت ئاغرىقلىرىدا پات ئارىدا كۆرۈلىدىغان قان شېكىرى تۆۋەنلەش ئالامەتلىرىنى پۇراپ بىلەلەيدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ