2020- يىللىق ۋيېنا كىنو فېستىۋالى باشلاندى

2020.07.06 16:46 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7- ئاينىڭ 4- كۈنى، تاماشىبىنلار ئاۋسترىيە پايتەختى ۋيېنا شەھەر مەمۇرىيىتى مەيدانى ئىچىدىكى بىرمۇنچىلىغان مۇستەقىل كىچىك رايونلاردا ۋيېنا كىنو فېستىۋالىنىڭ باشلىنىش كىنوسى - بېتخوۋېننىڭ ئوپېراسى «فىدېلىئو»نى كۆردى.

  7- ئاينىڭ 4- كۈنى كەچتە، 2020- يىللىق كىنو فېستىۋالى ئاۋسترىيە پايتەختى ۋيېنا شەھەر مەمۇرىيىتى بىناسى مەيدانىدا باشلاندى. بۇ يىل بۇ كىنو فېستىۋالىدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، ھەمدە شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئارىلىق ساقلىشىغا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن، ئىچكى مەيدان رايونى بىرمۇنچىلىغان مۇستەقىل كىچىك رايونلارغا ئايرىلغان. ۋيېنا كىنو فېستىۋالى ھازىرغىچە 30 نۆۋەت ئۆتكۈزۈلگگن، شۇنداقلا ئۇ ۋيېنا ياز پەسلىدىكى مۇھىم مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى. بۇ كىنو فېستىۋالىدا ئاساسلىقى ئوپېرا، مۇزىكىلىق تىياتىر، كونسېرت ۋە كىنو قويۇش ئاساس قىلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ