ياپونىيەدە ئۇدا بەش كۈن يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەل سانى يۈزدىن ئاشتى

2020.07.03 17:24 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7- ئاينىڭ 2- كۈنى ياپونىيەنىڭ توكيو كوچىسىدا كىشىلەرنى يېڭى تاجسىمان ۋىروسقا ئۇتتۇرۇپ قويماسلىققا ئىلھاملاندۇرىدىغان تەشۋىقات ئېلانى ئېسىقلىق تۇراتتى. ياپونىيە رادىيو جەمئىيىتى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 2- چېسلادىكى ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، شۇ كۈنى سائەت 20دىن 30 مىنۇت ئۆتكىچە (بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 19 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە)، ياپونىيەدە شۇ كۈنى يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەللەر سانى 194 بولۇپ، ئۇدا بەش كۈن يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەل سانى يۈزدىن ئېشىپ، جەمئىي 19 مىڭ 90گە يەتتى؛ جەمئىي 977 ئادەم ئۆلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ