خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاسىيا پۇتبول بىرلەشمىسى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە بەش دۆلەتنىڭ پۇتبول بىرلەشمىسى 2027-يىللىق ئاسىيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى ئىپادىلىدى.
2027-يىللىق ئاسىيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ئويى بار دۆلەتلەر ئايرىم-ئايرىم ھالدا ھىندىستان، ئىران، قاتار، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىقلار. ئاسىيا پۇتبول بىرلەشمىسى يۇقىرىقى بەش دۆلەت پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ زۆرۈر بولغان ئىلتىماس قىلىش ماتېرىياللىرىنى تاپشۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ ھەم 2021-يىلى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالىدىغان تەرەپنى بېكىتىدۇ.
ئاسىيا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى سالمان 2027-يىللىق ئاسىيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىش ئويى بار پۇتبول بىرلەشمىلىرىگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاسىيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى ئاسىيا پۇتبولىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ماھارەت سەھنىسى بولۇپ، مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كوماندا سانى كۆپەيتىلىپ، 2019-يىللىق ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئاسىيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى ئاسىيا پۇتبولىنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىغا ئاساس سالدى، جۇڭگودا ئۆتكۈزۈلىدىغان 2023-يىللىق ئاسىيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ كىشىلەر مۆلچەرىدىن ئېشىپ كېتىشىدە گەپ يوق.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ