مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

40 نەچچە دۆلەت ئىنسانىي ھوقۇق كېڭىشىدە ئورتاق سۆز قىلىپ، جۇڭگونىڭ شىنجاڭ مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى قوللىدى

2020.07.02 17:01 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاينىڭ 1-كۈنى، جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن ب د ت ئىنسانىي ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 44-قېتىملىق يىغىنىدا، بېلارۇسىيە 46 دۆلەتكە ۋاكالىتەن ئورتاق سۆز قىلىپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرى ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نەتىجىلىرىگە ئىجابىي باھا بېرىپ، جۇڭگونىڭ شىنجاڭغا چېتىشلىق مەسىلىلەردىكى مەيدانىنى قوللىدى.

  بېلارۇسىيە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز ئىنسانىي ھوقۇق كېڭىشىنىڭ خىزمەتلەرنى ئوبيېكتىپ، ئوچۇق، تاللىماسلىق، ئىجابىي، قارشىلاشماسلىق، سىياسىيلاشتۇرماسلىق ئۇسۇلى بىلەن قانات يايدۇرۇشىنى قايتا تەكىتلەيمىز. بىز ئىنسانىي ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە قوغداشقا كۈچ چىقىرىش ۋەدىسىنى تەكىتلەيمىز، ئىنسانىي ھوقۇق مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇش ۋە قوش ئۆلچەم قوللىنىش ئۇسۇلىغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز.

  بېلارۇسىيە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىك ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، ئىنسانىي ھوقۇققا بولغان ئېغىر تەھدىتتۇر. بىز كۆڭۈل بۆلگەن ھالدا شۇنىڭغا دىققەت قىلدۇقكى، تېررورلۇق، بۆلگۈنچىلىك ۋە ئەسەبىيلىك ئىلگىرى جۇڭگو شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە غايەت زور زىيان يەتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ تۈرلۈك ئىنسانىي ھوقۇقلىرىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزگەن. بىز ماختىغان ھالدا شۇنىڭغا دىققەت قىلدۇقكى، جۇڭگو شىنجاڭ قانۇن بويىچە بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، يۇقىرىقى تەھدىتكە تاقابىل تۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلدى. شىنجاڭدا ئۇدا ئۈچ يىل زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى يۈز بەرمەي، قايتا خاتىرجەملىككە ۋە مۇقىملىققا ئېرىشتى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقى ئۈنۈملۈك كاپالەتكە ئىگە بولدى.

  بېلارۇسىيە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش ۋە ئاشكارا بولۇشتا چىڭ تۇرغانلىقىغا، 1000 دىن ئارتۇق دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى، خەلقئارا تەشكىلات ئەمەلدارلىرى، مۇخبىر ۋە دىنىي زاتلارنى شىنجاڭنى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلغانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇيمىز. ئۇلار شىنجاڭدا قولغا كەلتۈرۈلگەن غايەت زور نەتىجىلەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى. بىز جۇڭگونىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئالىي خادىملىرىنى شىنجاڭدا زىيارەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئالاقىنى ساقلاپ كېلىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلدۇق. بىز پىتنە-ئىغۋالاردىن پايدىلىنىپ جۇڭگونى ئاساسسىز ئەيىبلەشنى توختىتىشقا دەۋەت قىلىمىز. بىز ئىنسانىي ھوقۇق ئالىي خادىملىرى ئىشخانىسىنىڭ بېرىلگەن ھوقۇققا ئاساسەن مەسئۇلىيىتىنى ئوبيېكتىپ، ئادىل ئادا قىلىشىغا ئىشىنىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ