ئامېرىكا جونس خوپكىنس داشۆسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا ئامېرىكىدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئىكەنلىكىگە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار سانى 2 مىليون 539 مىڭ 544 كە يەتتى، دېيىلدى

2020.06.30 17:45 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 6-ئاينىڭ 28-كۈنى، كىشىلەر ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى پارلامېنت بىناسى ئەتراپىدىكى چىملىقتا ئارام ئالماقتا.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا جونس خوپكىنس داشۆسى 28-چېسلا ئېلان قىلغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئەھۋالىنى ئىستاتىستىكا قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئىكەنلىكىگە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمارلار سانى ۋە ئۆلگەن بىمارلار سانى ئايرىم-ئايرىم 2 مىليون 539 مىڭ 544 نەپەر ۋە 125 مىڭ 747 نەپەرگە يەتكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ