مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىران خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتىدىن ترامپنى قولغا ئېلىشنى تەلەپ قىلدى

2020.06.30 17:20 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىران تېھران شەھىرىنىڭ باش تەپتىشى مەخرنىڭ 29-ئىيۇن دېيىشىچە، ئىران خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتىدىن ئىران ئىسلام ئىنقىلابىي قوغدىنىش قىسىمى قارىمىقىدىكى «مۇقەددەس شەھەر لۈيى»نىڭ قوماندانى قاسىم سۇلايماننى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشكە قاتناشقان 36 نەپەر ئامېرىكا ئەمەلدارىنى قولغا ئېلىشنى تەلەپ قىلغان، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپمۇ بار ئىكەن.

  مەخر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىران تەرەپ گېنېرال سۇلايماننى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشكە قاتناشقان 36 ئامېرىكىلىق سىياسىي ۋە ھەربىي ئەمەلدارنى تەكشۈردى، ئۇلار قەستلەپ ئۆلتۈرۈش جىنايىتى ۋە تېررورلۇق ھەرىكىتى ئۆتكۈزگەن دەپ ئەيىبلەندى.

  خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى تېخى بۇ ئىشقا ئىنكاس قايتۇرمىدى.

  بۇ يىل 1-ئاينىڭ 3-كۈنى، سۇلايمان ئىراق باغداد خەلقئارا ئايرودرومى سىرتىدا ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ قازا قىلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ