پارىژ ئېفېل تۆمۈرمۇنارى قايتىدىن ئېچىۋېتىلدى

2020.06.28 17:41 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 6-ئاينىڭ 25-كۈنى فىرانسىيەنىڭ پارىژدىكى ئېفېل تۆمۈر مۇنارى ئالدىدىكى ئېلان تاختىسىغا «ئېكسكۇرسىيە قىلغۇچىلار چوقۇم ماسكا تاقاش كېرەك» دەپ يېزىلدى.

  يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىدە، ئۈچ ئايدىن ئارتۇق تاقالغان پارىژدىكى بەلگە خاراكتېرلىك ئىمارەت − ئېفېل تۆمۈر مۇنارى 25-ئىيۇن قايتىدىن ئېچىلىپ، مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى. ساياھەتچىلەر ئالدىن توردا بېلەت سېتىۋېلىشى ھەمدە ئېكسكۇرسىيە جەريانىدا ماسكا تاقىشى كېرەك. ھازىر لىفىت ئېچىۋېتىلمىدى، ساياھەتچىلەر پەلەمپەيدىن مېڭىپ، ئىككىنچى قەۋەتتىكى سۇپىغا چىقالايدۇ. لىفىتنىڭ 7-ئايدىن باشلاپ ئېچىۋېتىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ