ئامېرىكىدا يەككە كۈندە يېڭىدىن كۆپەيگەن بىمار سانى 40 مىڭدىن ئاشتى

يېقىندا بىمارلار ئىچىدە ياشلار كۆپرەك بولدى

2020.06.28 17:41 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 6-ئاينىڭ 26-كۈنى، بىر ئەر ۋېلىسىپىت مىنىپ، ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى پارلامېنت بىناسى ئالدىدىن ئۆتمەكتە.

  ئامېرىكا كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەركىزى تور بېكىتىنىڭ 26-ئىيۇن يېڭىلىغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن 24 سائەتتە ئامېرىكا بويىچە يېڭىدىن 40 مىڭ 588 بىمارنىڭ يۇقۇملانغانلىقى جەزملەشتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان بىر كۈندە يېڭىدىن كۆپەيگەن بىمار سانىنىڭ ئەڭ يۇقىرى رېكورتىنى ياراتقان. ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى پېنس يېقىندا يېڭىدىن كۆپەيگەن بىمارلار ئىچىدە ياشلارنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى، تەخمىنەن يېرىمىنىڭ 35 ياشتىن تۆۋەن كىشىلەر توپى ئىكەنلىكنى بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ