مېكسىكىنىڭ جەنۇبىدا 7.5 بال يەر تەۋرەپ، ئاز دېگەندە بىر ئادەم قازا قىلدى

2020.06.24 16:56 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 6-ئاينىڭ 23-كۈنى، مېكسىكىنىڭ ۋاخاكا ئىشتاتىدىكى بىر ئۆي يەر تەۋرەشتە زىيانغا ئۇچرىدى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مېكسىكىنىڭ جەنۇبىدىكى ۋاخاكا ئىشتاتىدا 23-ئىيۇن 7.5 بال يەر تەۋرىدى، مەملىكەت بويىچە نۇرغۇن جايلاردا يەر تەۋرەش سېزىمى كۆرۈنەرلىك بولدى، قىسمەن رايونلاردا ئەسلىھەلەر بۇزۇلدى، نۆۋەتتە بىر ئادەم قازا قىلدى.

  مېكسىكا دۆلەتلىك يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىدارىسىنىڭ خەۋەر بېرىپ دېيىشىچە، يەر تەۋرەش شۇ يەر ۋاقتى 23- ئىيۇن سائەت 10 دىن 29 مىنۇت (بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 23 تىن 29 مىنۇت) ئۆتكەندە يۈز بەرگەن، تەۋرەش مەركىزى ۋاخاكا ئىشتاتىدىكى كرۇسېستانىڭ جەنۇبىغا 23 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا بولۇپ، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى بەش كىلومېتىر كېلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ