ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ۋيېنادا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھەربىي ھازىرلىقلارنى كونترول قىلىش سۆھبىتى ئۆتكۈزدى

2020.06.23 17:20 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 6-ئاينىڭ 22-كۈنى تارتىلغان ئامېرىكا-رۇسىيە يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھەربىي ھازىرلىقلارنى كونترول قىلىش سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلىدىغان جاي − ئاۋسترىيەنىڭ ۋيېنادىكى تۆۋەنكى ئاۋىستىرىيە سارىيى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە 22-ئىيۇن ئاۋىستىرىيە پايتەختى ۋيېنادا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھەربىي ھازىرلىقلارنى كونترول قىلىش سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، «يېڭى ئىستىراتېگىيەلىك قوراللارنى ئازايتىش شەرتنامىسى»نى ئۇزارتىشقا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى. ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە 2010-يىلى ئىمزالىغان «يېڭى ئىستىراتىگىيىلىك قوراللارنى ئازايتىش شەرتنامىسى»نىڭ مۇددىتى 2021-يىلى توشىدۇ، بۇ شەرتنامە ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئورۇنلاشتۇرغان يادرو ئوق بېشى ۋە توشۇش قوراللىرىنىڭ سانىنى چەكلەشنى مەقسەت قىلغان. ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئىمزالىغان «ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا شەرتنامىسى» بۇلتۇر كۈچتىن قالغاندىن كېيىن، «يېڭى ئىستراتېگىيەلىك قوراللارنى ئازايتىش شەرتنامىسى» ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى بىردىنبىر ھەربىي ھازىرلىقلارنى كونترول قىلىش شەرتنامىسى بولۇپ قالدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ