مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ يەنىلا تېز سۈرئەتتە تارقىلىۋاتقانلىقىنى دېدى

2020.06.23 17:17 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 19- چېسلا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يەنىلا يەر شارىدا تېز سۈرئەتتە تارقالماقتا، ھەرقايسى دۆلەتلەر يېڭى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئەمەلدارى تېدروس شۇ كۈنى رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس نۆۋەتتە يەنىلا تېز سۈرئەتتە تارقىلىۋاتىدۇ، كۆپ ساندىكى كىشىلەر يەنىلا يۇقۇملىنىش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە. ھەر قايسى دۆلەتلەر يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى سەھىيە جىددىي تۈرىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى مايكل رايان مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە «ئىككىنچى قېتىملىق يۇقۇم ئەھۋالى»غا تېخى ئېنىق تەبىر بېرىلمىدى، بەزى جايلاردا يېڭىدىن بايقالغان توپلىشىپ يۇقۇملىنىش ۋەقەسى يۇقۇمنىڭ ئىككىنچى دولقۇنىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىشى ناتايىن، بەلكىم بۇ پەقەت بىرىنچى دولقۇندىكى يۇقۇم ئىچىدىكى يەنە بىر «يۇقىرى پەللە» بولۇشى مۇمكىن. نۇرغۇن دۆلەتلەر يۇقۇمنىڭ بىرىنچى يۇقىرى پەللىسىدىن كېيىنكى مۇقىم مەزگىلنى ساقلىدى، ھەر قايسى دۆلەتلەر ئادەم ۋە ماددىي ئەشيا قاتارلىق جەھەتلەردە تولۇق تەييارلىق كۆرۈپ، يېڭى بىر قېتىملىق يۇقۇمنىڭ كۆرۈلۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ