مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا چىرمىشىپ قالغان ترامپ سايلام رىقابىتى يىغىلىشىنى قايتا باشلىدى

2020.06.22 17:29 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى بولۇش مۇقىملاشقان ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ 20-ئىيۇن ئوكلاخوما ئىشتاتىنىڭ 2-چوڭ شەھىرى تالسادا ئامېرىكىدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن كېيىنكى تۇنجى مەيدان سايلام رىقابىتى يىغىلىشى ئۆتكۈزدى.

  11-ئاينىڭ 3-كۈنىدىكى چوڭ سايلامغا بېلەت تاشلاش كۈنىگە يەنە تۆت يېرىم ئاي قالدى، دېموكراتلار پارتىيەسى تەرەپتە سابىق مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ بايدىننىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى بولۇشى ئاساسىي جەھەتتىن جەزملىشىپ، ھەل قىلغۇچ ۋەزىيەت ئاساسەن بېكىتىلدى. ئۇدا نەچچە ئاي داۋاملاشقان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ھەمدە بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ئىقتىسادىي زەربە ۋە يۇقىرى ئىشسىزلىق نىسبىتى، بۇنىڭغا قوشۇلۇپ ئافرىقا پۇشتىدىن بولغان ئامېرىكىلىق جورجى فلويدنىڭ ئۆلۈمى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئېتىراز بىلدۈرۈش دولقۇنى قاتارلىقلار ترامپنىڭ سايلام رىقابىتىدە ئۇدا ۋەزىپە ئۆتۈشىگە غايەت زور بېسىم ئېلىپ كەلدى ھەمدە مۇقەررەر ھالدا ئىككى پارتىيە رىقابىتىنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ