بىرازىلىيەدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئىكەنلىكىگە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمارلار سانى 900 مىڭدىن ئاشتى

2020.06.18 17:00 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 6-ئاينىڭ 16-كۈنى، خىزمەتچىلەر بىرازىلىيەنىڭ سان پاۋلو شەھىرى كونگونىئاس ئايرودرومىدا دېزىنفېكسىيە قىلىش مەشغۇلاتى قىلماقتا.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىرازىلىيە سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ شۇ جاي ۋاقتى 16-ئىيۇن سائەت 18 دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن 24 سائەتتە بىرازىلىيەدە يېڭىدىن 34 مىڭ 918 بىمار كۆپەيگەن بولۇپ، جەمئىي بىمار سانى 923 مىڭ 189 نەپەرگە يەتكەن؛ يېڭىدىن ئۆلگەن بىمار سانى 1282 نەپەر بولۇپ، جەمئىي ئۆلگەنلەر سانى 45 مىڭ 241 نەپەرگە يەتكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ