مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

چاۋشيەن چاۋشيەن-كورېيە ئالاقە ئىشخانىسى بىناسىنى پارتلىتىۋەتكەنلىكىنى ئېيتتى

2020.06.17 17:20 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، چاۋشيەن 6- ئاينىڭ 16-كۈنى چاۋشيەننىڭ كەيچېڭ سانائەت باغچە رايونىغا جايلاشقان چاۋشيەن-كورېيە ئالاقە ئىشخانىسى بىناسىنى تەلتۆكۈس پارتلىتىۋەتكەن.

  خەۋەردە دېيىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى سائەت 14تىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە، بىر زور ئاۋازغا ئەگىشىپ، بۇ تۆت قەۋەت قۇرۇلمىلىق چاۋشيەن-كورېيە ئالاقە ئىشخانىسى بىناسى «ئېچىنىشلىق» پارتلىتىلغان.

  خەۋەردە يەنە چاۋشيەن تەرەپ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ ئەلرايىغا ماسلىشىپ، «چاۋشيەندىن قاچقۇچىلار» ۋە «يول قويغۇچىلار»نى «جىنايەت بەدىلى» تۆلىگۈزۈش ئۈچۈن، چاۋشيەن-كورېيە ئالاقە ئىشخانىسى بىناسىنى تەلتۆكۈس پارتلىتىشتەك چەكلەش تەدبىرىنى يولغا قويغانلىقى دېيىلگەن.

  چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى باش ئىشتابى شۇ كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: چاۋشيەن ئارمىيەسى يېقىنقى مەزگىلدىكى چاۋشيەن-كورېيە مۇناسىۋىتىنىڭ بارغانسېرى ناچارلىشىشىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ ھەم پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت قوللانغان سىرتقا قارىتىلغان ھەر خىل تەدبىرلەرنى ئىشەنچلىك ئارمىيە كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، ئۇرۇش تەييارلىقىنى ياخشى، تولۇق قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ