سانكىت پېتېربۇرگتا «خەنزۇ تىلى كۆۋرۈكى» ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خەنزۇتىلى مۇسابىقىسى توردا ئۆتكۈزۈلدى

2020.06.17 16:26 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 6-ئاينىڭ 15-كۈنى، 13- نۆۋەتلىك «خەنزۇ تىلى كۆۋرۈكى» دۇنيا ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خەنزۇتىلى مۇسابىقىسى سانكىت پېتېربۇرگ مۇسابىقە رايونىنىڭ تەييارلىق مۇسابىقىسى ماھىرلىرى توردا خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-نۆۋەتلىك «خەنزۇ تىلى كۆۋرۈكى» دۇنيا ئوتتۇا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خەنزۇتىلى مۇسابىقىسى رۇسىيە سانكىت پېتېربۇرگ مۇسابىقە رايونىنىڭ تەييارلىق مۇسابىقىسى 15- ئىيۇن تور ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلدى. يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە بۇ قېتىمقى مۇسابىقە پۈتۈن باسقۇچ بويىچە توردا ئۆتكۈزۈلدى، ئاساسىي تېمىدا نۇتۇق سۆزلەش، ماھارەت كۆرسىتىش، جۇڭگو بىلىملىرىدىن سوئال- جاۋاب بېرىش ۋە ئىختىيارىي نۇتۇق سۆزلەشتىن ئىبارەت تۆت بۆلەككە بۆلۈندى، ماھىرلار مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ئەسەرلەرنىڭ سىن ھۆججىتىنى يوللىدى ھەمدە توردا زېھىن سىناش مۇسابىقىسىنى تاماملىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ