سۈرەتتە: 6-ئاينىڭ 16-كۈنى، لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى سىنيا كەنتىگە جايلاشقان جۇڭگو تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىنىڭ گازارمىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئوردېن بېرىش مۇراسىمىدا، ب د ت نىڭ لىۋاندا تۇرۇشلۇق ۋاقىتلىق قىسىملىرى (ب د ت نىڭ لىۋاندا تۇرۇشلۇق قىسمى)نىڭ قوماندانى دېركول (سولدا) جۇڭگو ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرىگە ئوردېن بەردى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ 18-تۈركۈمدە لىۋانغا بارغان تىنچلىق ساقلاش قىسمىدىكى 410 نەپەر ئوفىتسىر-ئەسكەرلىرىنىڭ ھەممىسىگە 16-ئىيۇن ب د ت ئوردېنى بېرىلىپ، ئۇلارنىڭ ۋەزىپە مۇددىتى ئىچىدە لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى رايونلارنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن قوشقان گەۋدىلىك تۆھپىسى تەقدىرلەندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ