مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يەر شارى بويىچە بىر كۈندە يېڭىدىن كۆپەيگەن بىمار سانىدا يېڭى رېكورت يارىتىلدى، دېدى

2020.06.10 16:30 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئەمەلدارى تېدروس 8-ئىيۇن قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يەر شارى بويىچە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئېغىرلاشماقتا، 7-ئىيۇن يەر شارى بويىچە بىر كۈندە يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلار سانى 136 مىڭغا يېتىپ، ھازىرغا قەدەر يېڭىدىن كۆپەيگەن بىمارلار سانى ئەڭ كۆپ بولغان بىر كۈن بولدى.

  تېدروس مۇنداق دېدى: ھەر قايسى دۆلەتلەر دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا 7 مىليونغا يېقىن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارلىرىنى دوكلات قىلدى، تەخمىنەن 400 مىڭ ئادەم ئۆلدى. ياۋروپادىكى يۇقۇم ئەھۋالىدا ياخشىلىنىش بولدى، يەر شارى مىقياسىدا يۇقۇم ئەھۋالى داۋاملىق يامانلاشتى، ئۆتكەن 10 كۈن ئىچىدىكى توققۇز كۈندە كۈنلۈك يېڭىدىن كۆپەيگەن بىمار سانى 100 مىڭدىن ئاشتى. 6-ئاينىڭ 7-كۈنى يېڭىدىن كۆپەيگەن بىمارلار ئىچىدىكى %75 بىمار 10 دۆلەتتىن كەلگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئامېرىكا قىتئەسى ۋە جەنۇبىي ئاسىياغا مەركەزلەشكەن. بۇنىڭدىن باشقا، شەرقىي ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ قىسمەن رايونلىرىدا بىمار سانىمۇ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتىدۇ. ئافرىقا دۆلەتلىرىدە بىمارلار سانى كۆپىيىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما كۆپ ساندىكى ئافرىقا دۆلەتلىرىدىكى بىمارلار سانى 1000 دىن تۆۋەن بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ