سېربىيە ئۈچ نەپەر جۇڭگو يۇقۇملۇق كېسەللىككە قارشى تۇرۇش مۇتەخەسسىسىگە ئوردېن بەردى

2020.06.02 16:22 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 6-ئاينىڭ 1-كۈنى سېربىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋۇلىن (سولدا) سېربىيە پايتەختى بېلگرادتا جۇڭگونىڭ سېربىيەگە بېرىپ يۇقۇملۇق كېسەللىككە قارشى داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى ليۇ دايۆگە ئارمىيەنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خاتىرە ئوردېنى بەردى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سېربىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 1-ئىيۇن پايتەخت بېلگرادتا جۇڭگونىڭ سېربىيەگە بېرىپ يۇقۇملۇق كېسەللىككە تاقابىل تۇرۇش داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىدىكى ئۈچ مۇتەخەسسىسكە ئارمىيەنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خاتىرە ئوردېنى − «سېربىيە دۆلەت مۇداپىئەسى ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقانلار خاتىرە ئوردېنى» بېرىپ، ئۇلارنىڭ سېربىيە تەرەپنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلىشىگە ياردەم بەرگەن تۆھپىسىنى تەقدىرلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ