پۇتىن: ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى ئومۇمىي خەلق ئاۋازغا قويۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ

2020.06.02 14:10 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6- ئاينىڭ 1- كۈنى، رۇسىيە موسكۋا ئىشتاتىدىكى يېڭى ئوگارىيوۋو زۇڭتۇڭ سارىيىدا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن مەركىزىي سايلام كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمى ۋە ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى تەييارلاش خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى بىلەن خىزمەت يىغىنى ئاچتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 1- ئىيۇن موسكۋادىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 1- ئىيۇن مۇنۇلارنى جاكارلىدى: رۇسىيە 7- ئاينىڭ 1- كۈنى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھىسىنى ئومۇمىي خەلق ئاۋازىغا قويىدۇ.

  كرېمىل سارىيى تور بېكىتى ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشقا ئاساسلانغاندا، پۇتىن شۇ كۈنى مەركىزىي سايلام كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمى ۋە ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى تەييارلاش خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى بىلەن خىزمەت يىغىنى ئاچقاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيەدە يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى بارغانسېرى مۇقىملاشماقتا، «شۇڭا، بىز ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنىڭ خىزمىتىگە يەنە بىر قېتىم قايتىپ كېلىشىمىز كېرەك».

  بۇ يىل 1- ئاينىڭ 15- كۈنى پۇتىن رۇسىيە پارلامېنتىنىڭ ئىككى پالاتاسىغا دۆلەت ئەھۋالىدىن دوكلات بەرگەندە، ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش تەكلىپىنى بەردى. 1- ئاينىڭ 20- كۈنى پۇتىن رۇسىيە دۆلەت دۇماسى (پارلامېنت تۆۋەن پالاتاسى)غا ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى تاپشۇردى. 3- ئايدا، رۇسىيە دۆلەت دۇماسى، رۇسىيە فېدېراتسىيە كومىتېتى (پارلامېنت يۇقىرى پالاتاسى) ۋە رۇسىيەدىكى 85 فېدېراتسىيە ئاساسىي گەۋدىسى بۇ لايىھەنى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللىغاندىن كېيىن، پۇتىن شۇ ئاينىڭ 17- كۈنى زۇڭتۇڭ پەرمانىغا ئىمزا قويۇپ، 4- ئاينىڭ 22- كۈنى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى ئومۇمىي خەلق ئاۋازىغا قويۇش قارار قىلىندى. 3- ئاينىڭ 25- كۈنى، پۇتىن رۇسىيە پۇقرالىرىنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى ئومۇمىي خەلق ئاۋازىغا قويۇشنى كېچىكتۈرۈشنى قارار قىلدى.

  رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ لايىھەدە ئاساسىي قانۇنلۇق سىياسەت تۈزۈمى ۋە پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ مۇھىملىقى گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولۇپ، ئاساسلىقى دۆلەت دۇماسىنىڭ ھوقۇقىنى كېڭەيتىش، پۇقرالارنىڭ پاراۋانلىقىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ