قوپاللىق بىلەن قانۇن ئىجرا قىلىپ، ئافرىقا پۇشتىدىن بولغان ئەرنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئامېرىكىلىق سابىق ساقچى قولغا ئېلىندى

2020.06.01 16:53 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 5-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئامېرىكا مىننېسوتا ئىشتاتىنىڭ مىننېئاپولىس شەھىرىدە نامايىشچىلار بىر ساقچى ئىدارىسىگە ئوت قويۇۋەتتى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا مىننېسوتا ئىشتاتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇن ئىجرا قىلىش تارمىقى 29- ماي بايانات ئېلان قىلىپ، قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملارنىڭ شۇ كۈنى چۈشتە مەزكۇر ئىشتاتنىڭ مىننېئاپولىس شەھىرىدە يېقىندا قانۇن ئىجرا قىلىش ھەرىكىتى مۇۋاپىق بولماسلىق سەۋەبىدىن، ئافرىقا پۇشتىدىن بولغان ئەرنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سابىق ساقچى درېك شوۋاننى قولغا ئالغانلىقىنى ئېيتتى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، بۇ شەھەردە كەڭ كۆلەملىك نامايىش يۈز بېرىپ، ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىق بىلەن قانۇن ئىجرا قىلىشىغا ئېتىراز بىلدۈرۈپ، ئافرىقا پۇشتىدىن بولغان ئەر فرېئۇد ئۈچۈن ھەققانىيەت ياقلاشنى مۇراجىئەت قىلدى. ئېتىراز بىلدۈرۈش يەنە بارا-بارا نيۇيورك، لوس-ئانژېلس قاتارلىق جايلارغا كېڭەيدى. مىننېئاپولىستىكى قىسمەن ئېتىراز بىلدۈرۈش پائالىيەتلىرى بارا-بارا توپىلاڭغا ئايلىنىپ ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، كۆيدۈرۈش ۋەقەسى يۈز بەردى، نۇرغۇن دۇكانلار بۇلاندى، بىر قىسىم قۇرۇلۇش ۋە ئاپتوموبىللار بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى ۋە كۆيدۈرۈۋېتىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ