ئامېرىكىنىڭ «ئەجدىھا» ناملىق ئالەم كېمىسى ئالەم پونكىتى بىلەن تۇتاشتۇرۇلدى

2020.06.01 16:50 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى 31-ماي ئېلان قىلغان كۆرۈنمە چاستوتىدىن كېسىلىۋېلىنغان بۇ سۈرەتتە، ئامېرىكا ئالەم بوشلۇقى ئىزدىنىش تېخنىكىسى شىركىتىنىڭ «ئەجدىھا» ناملىق ئالەم كېمىسىنىڭ خەلقئارا ئالەم پونكىتى بىلەن تۇتاشتۇرۇلۇۋاتقانلىقى كۆرسىتىلدى.

  ئىككى نەپەر ئالەم ئۇچقۇچىسى ئولتۇرغان ئامېرىكا ئالەم بوشلۇقى ئىزدىنىش تېخنىكىسى شىركىتىنىڭ «ئەجدىھا» ناملىق ئۇچار كېمىسى 19 سائەتكە يېقىن ئۇچقاندىن كېيىن، 31-ماي خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتىغا يېتىپ باردى ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن ئوڭۇشلۇق تۇتاشتۇرۇلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ