خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا جونس خوپكىنس داشۆسى 18-ماي ئېلان قىلغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئىكەنلىكىگە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمارلار سانى جەمئىي 1 مىليون 500 مىڭدىن ئاشقان.
سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ شەرقىي قىسىم ۋاقتى 18- ماي سائەت 16 دىن 3 مىنۇت ئۆتكىچە (بېيجىڭ ۋاقتى 19-ماي سائەت 4 تىن 3 مىنۇت ئۆتكىچە)، ئامېرىكىدا جەمئىي 1 مىليون 500 مىڭ 753 كىشىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئىكەنلىكىگە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بولۇپ، جەمئىي 90 مىڭ 312 بىمار قازا قىلغان.
سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىدا يۇقۇم ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر بولغان نيۇيورك ئىشتاتىدا جەمئىي 353 مىڭ 371 بىمارغا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان، جەمئىي 28 مىڭ 339 بىمار قازا قىلغان. ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار سانى 50 مىڭدىن ئاشقان ئىشتاتلاردىن يەنە يېڭى جېرسىي ئىشتاتى، ئىللىنوئىس ئىشتاتى، ماسساچۇسېتس ئىشتاتى، كالېفورنىيە ئىشتاتى، پېنسىلۋانىيە ئىشتاتى ۋە مىچىگان ئىشتاتى بار ئىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ