مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى جۇڭگودىن باشقا دۆلەتلەردە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئىكەنلىكىگە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمارلار 4 مىليون 85 مىڭ 966 گە يەتتى، دېدى

2020.05.14 17:45 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 13-ماي ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگودىن باشقا دۆلەتلەردە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئىكەنلىكىگە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمارلار 4 مىليون 85 مىڭ 966 گە يەتكەن.

  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ كۈندىلىك يۇقۇم ئەھۋالى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ياۋروپانىڭ ئوتتۇرا قىسىم ۋاقتى 13-ماي سائەت 10 غا (بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 16گە) قەدەر ، جۇڭگودىن باشقا دۆلەتلەردىكى جەزملەشتۈرۈلگەن بىمارلار سانى ئالدىنقى كۈندىكىدىن 81 مىڭ 570 نەپەر كۆپىيىپ، 4 مىليون 85 مىڭ 966 گە يەتكەن؛ جۇڭگودىن باشقا دۆلەتلەردىكى ئۆلگەنلەر سانى ئالدىنقى كۈندىكىدىن 4245 نەپەر كۆپىيىپ، 282 مىڭ 755 كە يەتكەن.

  دۇنيا مىقياسىدا، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارلىرى سانى ئالدىنقى كۈندىكىدىن 81 مىڭ 577 نەپەر كۆپىيىپ، 4 مىليون 170 مىڭ 424 نەپەرگە يەتكەن؛ ئۆلگەنلەر ئالدىنقى كۈندىكىدىن 4245 نەپەر كۆپىيىپ، 287 مىڭ 399 نەپەرگە يەتكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ